Toggle thick letters. Most people make the mistake of thickening thin letters in the words that have other (highlighted) thick letter | Toggle to highlight thick letters خصضغطقظ رَ |
Qad 'Aflaĥa Al-Mu'uminūna
| 023-001 مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى
|
قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ |
Al-Ladhīna Hum Fī Şalātihim Khāshi`ūna
| 023-002 (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر
|
الَّذِينَ هُمْ فِي صَلاَتِهِمْ خَاشِعُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum `Ani Al-Laghwi Mu`riđūna
| 023-003 ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر
|
وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum Lilzzakāati Fā`ilūna
| 023-004 ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر
|
وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum Lifurūjihim Ĥāfižūna
| 023-005 ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن)ساقلىغۇچىلاردۇر
|
وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ |
'Illā `Alá 'Azwājihim 'W Mā Malakat 'Aymānuhum Fa'innahum Ghayru Malūmīna
| 023-006 (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ)
|
إِلاَّ عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ |
Famani Abtaghá Warā'a Dhālika Fa'ūlā'ika Humu Al-`Ādūna
| 023-007 بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر
|
فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُوْلَائِكَ هُمُ الْعَادُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum Li'mānātihim Wa `Ahdihim Rā`ūna
| 023-008 ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
|
وَالَّذِينَ هُمْ لِأمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum `Alá Şalawātihim Yuĥāfižūna
| 023-009 ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر
|
وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ |
'Ūlā'ika Humu Al-Wārithūna
| 023-010 ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر
|
أُوْلَائِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ |
Al-Ladhīna Yarithūna Al-Firdawsa Hum Fīhā Khālidūna
| 023-011 ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ
|
الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ |
Wa Laqad Khalaqnā Al-'Insāna Min Sulālatin Min Ţīnin
| 023-012 بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق
|
وَلَقَدْ خَلَقْنَا الإِنسَانَ مِنْ سُلاَلَةٍ مِنْ طِينٍ |
Thumma Ja`alnāhu Nuţfatan Fī Qarārin Makīnin
| 023-013 ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق
|
ثُمَّ جَعَلْنَاهُ نُطْفَة ً فِي قَرَارٍ مَكِينٍ |
Thumma Khalaqnā An-Nuţfata `Alaqatan Fakhalaqnā Al-`Alaqata Muđghatan Fakhalaqnā Al-Muđghata `Ižāmāan Fakasawnā Al-`Ižāma Laĥmāan Thumma 'Ansha'nāhu Khalqāan 'Ākhara ۚ Fatabāraka Allāhu 'Aĥsanu Al-Khāliqīna
| 023-014 ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئاڭ ماھىر ياراتقۇچى اﷲ (ھېكمەت ۋەقۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر
|
ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَة ً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَة ً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَاما ً فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْما ً ثُمَّ أَنشَأْنَاهُ خَلْقا ً آخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ |
Thumma 'Innakum Ba`da Dhālika Lamayyitūna
| 023-015 ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر
|
ثُمَّ إِنَّكُمْ بَعْدَ ذَلِكَ لَمَيِّتُونَ |
Thumma 'Innakum Yawma Al-Qiyāmati Tub`athūna
| 023-016 ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر
|
ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تُبْعَثُونَ |
Wa Laqad Khalaqnā Fawqakum Sab`a Ţarā'iqa Wa Mā Kunnā `Ani Al-Khalqi Ghāfilīna
| 023-017 بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز
|
وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَائِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ الْخَلْقِ غَافِلِينَ |
Wa 'Anzalnā Mina As-Samā'i Mā'an Biqadarin Fa'askannāhu Fī Al-'Arđi ۖ Wa 'Innā `Alá Dhahābin Bihi Laqādirūna
| 023-018 بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز
|
وَأَنزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاء ً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَى ذَهَاب ٍ بِهِ لَقَادِرُونَ |
Fa'ansha'nā Lakum Bihi Jannātin Min Nakhīlin Wa 'A`nābin Lakum Fīhā Fawākihu Kathīratun Wa Minhā Ta'kulūna
| 023-019 شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر
|
فَأَنشَأْنَا لَكُمْ بِهِ جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ لَكُمْ فِيهَا فَوَاكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ |
Wa Shajaratan Takhruju Min Ţūri Saynā'a Tanbutu Bid-Duhni Wa Şibghin Lil'ākilīna
| 023-020 شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (ئۆستۈرۈپ بەردۇق)، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ، يېگۈچىلەر (نانلىرىنى شۇ ماي بىلەن) مايلايدۇ
|
وَشَجَرَة ً تَخْرُجُ مِنْ طُورِ سَيْنَاءَ تَنْبُتُ بِالدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِلآكِلِينَ |
Wa 'Inna Lakum Fī Al-'An`āmi La`ibratan ۖ Nusqīkum Mimmā Fī Buţūnihā Wa Lakum Fīhā Manāfi`u Kathīratun Wa Minhā Ta'kulūna
| 023-021 چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر
|
وَإِنَّ لَكُمْ فِي الأَنعَامِ لَعِبْرَة ً ۖ نُسقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ |
Wa `Alayhā Wa `Alá Al-Fulki Tuĥmalūna
| 023-022 ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر
|
وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ |
Wa Laqad 'Arsalnā Nūĥāan 'Ilá Qawmihi Faqāla Yā Qawmi A`budū Allaha Mā Lakum Min 'Ilahin Ghayruhu~ ۖ 'Afalā Tattaqūna
| 023-023 بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: آ«ئىقەۋمىم! (يالغۇز اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟آ»
|
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحا ً إِلَى قَوْمِهِ فَقَالَ يَاقَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ~ُ أَفَلاَ ۖ تَتَّقُونَ |
Faqāla Al-Mala'u Al-Ladhīna Kafarū Min Qawmihi Mā Hādhā 'Illā Basharun Mithlukum Yurīdu 'An Yatafađđala `Alaykum Wa Law Shā'a Allāhu La'anzala Malā'ikatan Mā Sami`nā Bihadhā Fī 'Ābā'inā Al-'Awwalīna
| 023-024 ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: آ«بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر اﷲ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز
|
فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا هَذَا إِلاَّ بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُرِيدُ أَنْ يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَنزَلَ مَلاَئِكَة ً مَا سَمِعْنَا بِهَذَا فِي آبَائِنَا الأَوَّلِينَ |
'In Huwa 'Illā Rajulun Bihi Jinnatun Fatarabbaşū Bihi Ĥattá Ĥīnin
| 023-025 ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلارآ»
|
إِنْ هُوَ إِلاَّ رَجُلٌ بِهِ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا بِهِ حَتَّى حِينٍ |
Qāla Rabbi Anşurnī Bimā Kadhdhabūni
| 023-026 نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): آ«پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىنآ» دېدى
|
قَالَ رَبِّ انصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ |
Fa'awĥaynā 'Ilayhi 'Ani Aşna`i Al-Fulka Bi'a`yuninā Wa Waĥyinā Fa'idhā Jā'a 'Amrunā Wa Fāra At-Tannūru ۙ Fāsluk Fīhā Min Kullin Zawjayni Athnayni Wa 'Ahlaka 'Illā Man Sabaqa `Alayhi Al-Qawlu Minhum ۖ Wa Lā Tukhāţibnī Fī Al-Ladhīna Žalamū ۖ 'Innahum Mughraqūna
| 023-027 بىز نۇھقا: آ«بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك - چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپانبالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇآ» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
|
فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلاَّ مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلاَ تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ |
Fa'idhā Astawayta 'Anta Wa Man Ma`aka `Alá Al-Fulki Faquli Al-Ĥamdu Lillāh Al-Ladhī Najjānā Mina Al-Qawmi Až-Žālimīna
| 023-028 سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: آ«جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان اﷲ قا خاستۇرآ» دېگىن
|
فَإِذَا اسْتَوَيْتَ أَنْتَ وَمَنْ مَعَكَ عَلَى الْفُلْكِ فَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي نَجَّانَا مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ |
Wa Qul Rabbi 'Anzilnī Munzalāan Mubārakāan Wa 'Anta Khayru Al-Munzilīna
| 023-029 ھەمدە: آ«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەنآ» دېگىن
|
وَقُلْ رَبِّ أَنزِلْنِي مُنْزَلا ً مُبَارَكا ً وَأَنْتَ خَيْرُ الْمُنزِلِينَ |
'Inna Fī Dhālika La'āyātin Wa 'In Kunnā Lamubtalīna
| 023-030 ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (يەنى نۇھنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار، بىز بەندىلەرنى (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش بىلەن) ئەلۋەتتە سىنايمىز
|
إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ وَإِنْ كُنَّا لَمُبْتَلِينَ |
Thumma 'Ansha'nā Min Ba`dihim Qarnāan 'Ākharīna
| 023-031 ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋم پەيدا قىلدۇق
|
ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنا ً آخَرِينَ |
Fa'arsalnā Fīhim Rasūlāan Minhum 'Ani A`budū Allaha Mā Lakum Min 'Ilahin Ghayruhu~ ۖ 'Afalā Tattaqūna
| 023-032 بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى) اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر ئاللانىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
|
فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولا ً مِنْهُمْ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ~ُ ۖ أَفَلاَ تَتَّقُونَ |
Wa Qāla Al-Mala'u Min Qawmihi Al-Ladhīna Kafarū Wa Kadhdhabū Biliqā'i Al-'Ākhirati Wa 'Atrafnāhum Fī Al-Ĥayāati Ad-Dunyā Mā Hādhā 'Illā Basharun Mithlukum Ya'kulu Mimmā Ta'kulūna Minhu Wa Yashrabu Mimmā Tashrabūna
| 023-033 ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغان چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: آ«بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.
|
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِلِقَاءِ الآخِرَةِ وَأَتْرَفْنَاهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا مَا هَذَا إِلاَّ بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ |
Wa La'in 'Aţa`tum Basharāan Mithlakum 'Innakum 'Idhāan Lakhāsirūna
| 023-034 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىرئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر
|
وَلَئِنْ أَطَعْتُمْ بَشَرا ً مِثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذا ً لَخَاسِرُونَ |
'Aya`idukum 'Annakum 'Idhā Mittum Wa Kuntum Turābāan Wa `Ižāmāan 'Annakum Mukhrajūna
| 023-035 ئۇ سىلەرنى سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟
|
أَيَعِدُكُمْ أَنَّكُمْ إِذَا مِتُّمْ وَكُنتُمْ تُرَابا ً وَعِظَاماً أَنَّكُمْ مُخْرَجُونَ |
Hayhāta Hayhāta Limā Tū`adūna
| 023-036 سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر
|
هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ |
'In Hiya 'Illā Ĥayātunā Ad-Dunyā Namūtu Wa Naĥyā Wa Mā Naĥnu Bimab`ūthīna
| 023-037 بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز
|
إِنْ هِيَ إِلاَّ حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ |
'In Huwa 'Illā Rajulun Aftará `Alá Allāhi Kadhibāan Wa Mā Naĥnu Lahu Bimu'uminīna
| 023-038 ئۇ پەقەت اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەملەردۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىزآ»
|
إِنْ هُوَ إِلاَّ رَجُلٌ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبا ً وَمَا نَحْنُ لَهُ بِمُؤْمِنِينَ |
Qāla Rabbi Anşurnī Bimā Kadhdhabūni
| 023-039 ھۇد ئېيتتى: آ«پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىنآ»
|
قَالَ رَبِّ انصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ |
Qāla `Ammā Qalīlin Layuşbiĥunna Nādimīna
| 023-040 اﷲ ئېيتتى: آ«ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي (كاپىر بولغانلىقلىرىغا) نادامەت چېكىدۇآ»
|
قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَيُصْبِحُنَّ نَادِمِينَ |
Fa'akhadhat/humu Aş-Şayĥatu Bil-Ĥaqqi Faja`alnāhum Ghuthā'an ۚ Fabu`dāan Lilqawmi Až-Žālimīna
| 023-041 ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن
|
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ بِالْحَقِّ فَجَعَلْنَاهُمْ غُثَاء ً ۚ فَبُعْدا ً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ |
Thumma 'Ansha'nā Min Ba`dihim Qurūnāan 'Ākharīna
| 023-042 ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا بىر قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق
|
ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قُرُونا ً آخَرِينَ |
Mā Tasbiqu Min 'Ummatin 'Ajalahā Wa Mā Yasta'khirūna
| 023-043 ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ
|
مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ |
Thumma 'Arsalnā Rusulanā Tatrā ۖ Kulla Mā Jā'a 'Ummatan Rasūluhā Kadhdhabūhu ۚ Fa'atba`nā Ba`đahum Ba`đāan Wa Ja`alnāhum 'Aĥādītha ۚ Fabu`dāan Liqawmin Lā Yu'uminūna
| 023-044 ئاندىنبىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن
|
ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَا ۖ كُلَّ مَا جَاءَ أُمَّة ً رَسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُمْ بَعْضا ً وَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدا ً لِقَوْمٍ لاَ يُؤْمِنُونَ |
Thumma 'Arsalnā Mūsá Wa 'Akhāhu Hārūna Bi'āyātinā Wa Sulţānin Mubīnin
| 023-045 ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى
|
ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَى وَأَخَاهُ هَارُونَ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ |
'Ilá Fir`awna Wa Mala'ihi Fāstakbarū Wa Kānū Qawmāan `Ālīna
| 023-046 ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى
|
إِلَى فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْماً عَالِينَ |
Faqālū 'Anu'uminu Libasharayni Mithlinā Wa Qawmuhumā Lanā `Ābidūna
| 023-047 ئۇلار: آ«بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇرآ» دېيىشتى
|
فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ |
Fakadhdhabūhumā Fakānū Mina Al-Muhlakīna
| 023-048 ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى
|
فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا مِنَ الْمُهْلَكِينَ |
Wa Laqad 'Ātaynā Mūsá Al-Kitāba La`allahum Yahtadūna
| 023-049 ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نىھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق
|
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ |
Wa Ja`alnā Abna Maryama Wa 'Ummahu~ 'Āyatan Wa 'Āwaynāhumā 'Ilá Rabwatin Dhāti Qarārin Wa Ma`īnin
| 023-050 بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامال قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق
|
وَجَعَلْنَا ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ~ُ آيَة ً وَآوَيْنَاهُمَا إِلَى رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ |
Yā 'Ayyuhā Ar-Rusulu Kulū Mina Aţ-Ţayyibāti Wa A`malū Şāliĥāan ۖ 'Innī Bimā Ta`malūna `Alīmun
| 023-051 ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن
|
يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحا ً ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ |
Wa 'Inna Hadhihi~ 'Ummatukum 'Ummatan Wāĥidatan Wa 'Anā Rabbukum Fa Attaqūni
| 023-052 (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار
|
وَإِنَّ هَذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّة ً وَاحِدَة ً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاتَّقُونِ |
Fataqaţţa`ū 'Amrahum Baynahum Zuburāan ۖ Kullu Ĥizbin Bimā Ladayhim Fariĥūna
| 023-053 ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) دىنىي جەھەتتە نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشالدۇر
|
فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُرا ً ۖ كُلُّ حِزْب ٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ |
Fadharhum Fī Ghamratihim Ĥattá Ĥīnin
| 023-054 ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن
|
فَذَرْهُمْ فِي غَمْرَتِهِمْ حَتَّى حِينٍ |
'Ayaĥsabūna 'Annamā Numidduhum Bihi Min Mālin Wa Banīna
| 023-055 (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ
|
أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ |
Nusāri`u Lahum Fī Al-Khayrāti ۚ Bal Lā Yash`urūna
| 023-056 (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ
|
نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ ۚ بَل لاَ يَشْعُرُونَ |
'Inna Al-Ladhīna Hum Min Khashyati Rabbihim Mushfiqūna
| 023-057 ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر،
|
إِنَّ الَّذِينَ هُمْ مِنْ خَشْيَةِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum Bi'āyāti Rabbihim Yu'uminūna
| 023-058 پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر،
|
وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ |
Wa Al-Ladhīna Hum Birabbihim Lā Yushrikūna
| 023-059 پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر،
|
وَالَّذِينَ هُمْ بِرَبِّهِمْ لاَ يُشْرِكُونَ |
Wa Al-Ladhīna Yu'utūna Mā 'Ātaw Wa Qulūbuhum Wa Jilatun 'Annahum 'Ilá Rabbihim Rāji`ūna
| 023-060 سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر-
|
وَالَّذِينَ يُؤْتُونَ مَا آتَوا وَقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَى رَبِّهِمْ رَاجِعُونَ |
'Ūlā'ika Yusāri`ūna Fī Al-Khayrāti Wa Hum Lahā Sābiqūna
| 023-061 ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر
|
أُوْلَائِكَ يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَهُمْ لَهَا سَابِقُونَ |
Wa Lā Nukallifu Nafsāan 'Illā Wus`ahā ۖ Wa Ladaynā Kitābun Yanţiqu Bil-Ĥaqqi ۚ Wa Hum Lā Yužlamūn
| 023-062 بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى - يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە - ئەمال بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ
|
وَلاَ نُكَلِّفُ نَفْسا ً إِلاَّ وُسْعَهَا ۖ وَلَدَيْنَا كِتَابٌ يَنطِقُ بِالْحَقِّ ۚ وَهُمْ لاَ يُظْلَمُون |
Bal Qulūbuhum Fī Ghamratin Min Hādhā Wa Lahum 'A`mālun Min Dūni Dhālika Hum Lahā `Āmilūna
| 023-063 ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن يەنى كۇفرىدىن) باشقا ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ
|
بَلْ قُلُوبُهُمْ فِي غَمْرَةٍ مِنْ هَذَا وَلَهُمْ أَعْمَالٌ مِنْ دُونِ ذَلِكَ هُمْ لَهَا عَامِلُونَ |
Ĥattá 'Idhā 'Akhadhnā Mutrafīhim Bil-`Adhābi 'Idhā Hum Yaj'arūna
| 023-064 ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھ ئۇلار پەرياد قىلىدۇ
|
حَتَّى إِذَا أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِمْ بِالْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْأَرُونَ |
Lā Taj'arū Al-Yawma ۖ 'Innakum Minnā Lā Tunşarūna
| 023-065 (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ) آ«بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەرآ»
|
لاَ تَجْأَرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّكُمْ مِنَّا لاَ تُنصَرُونَ |
Qad Kānat 'Āyātī Tutlá `Alaykum Fakuntum `Alá 'A`qābikum Tankişūna
| 023-066 مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، (ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار
|
قَدْ كَانَتْ آيَاتِي تُتْلَى عَلَيْكُمْ فَكُنتُمْ عَلَى أَعْقَابِكُمْ تَنكِصُونَ |
Mustakbirīna Bihi Sāmirāan Tahjurūna
| 023-067 ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ)
|
مُسْتَكْبِرِينَ بِهِ سَامِرا ً تَهْجُرُونَ |
'Afalam Yaddabbarū Al-Qawla 'Am Jā'ahum Mā Lam Ya'ti 'Ābā'ahumu Al-'Awwalīna
| 023-068 ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (اﷲ تەرىپىدىن) ئاتا - بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟
|
أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا الْقَوْلَ أَمْ جَاءَهُمْ مَا لَمْ يَأْتِ آبَاءَهُمُ الأَوَّلِينَ |
'Am Lam Ya`rifū Rasūlahum Fahum Lahu Munkirūna
| 023-069 ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ
|
أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُ مُنكِرُونَ |
'Am Yaqūlūna Bihi Jinnatun ۚ Bal Jā'ahum Bil-Ĥaqqi Wa 'Aktharuhum Lilĥaqqi Kārihūna
| 023-070 ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ
|
أَمْ يَقُولُونَ بِهِ جِنَّةٌ ۚ بَلْ جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ |
Wa Lawi Attaba`a Al-Ĥaqqu 'Ahwā'ahum Lafasadati As-Samāwātu Wa Al-'Arđu Wa Man Fīhinna ۚ Bal 'Ataynāhum Bidhikrihim Fahum `An Dhikrihim Mu`riđūna
| 023-071 ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز - نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز - نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ
|
وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَنْ ذِكْرِهِمْ مُعْرِضُونَ |
'Am Tas'aluhum Kharjāan Fakharāju Rabbika Khayrun ۖ Wa Huwa Khayru Ar-Rāziqīna
| 023-072 ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە)ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، اﷲ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر
|
أَمْ تَسْأَلُهُمْ خَرْجا ً فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ |
Wa 'Innaka Latad`ūhum 'Ilá Şirāţin Mustaqīmin
| 023-073 سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن
|
وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ |
Wa 'Inna Al-Ladhīna Lā Yu'uminūna Bil-'Ākhirati `Ani Aş-Şirāţi Lanākibūna
| 023-074 ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر
|
وَإِنَّ الَّذِينَ لاَ يُؤْمِنُونَ بِالآخِرَةِ عَنِ الصِّرَاطِ لَنَاكِبُونَ |
Wa Law Raĥimnāhum Wa Kashafnā Mā Bihim Min Đurrin Lalajjū Fī Ţughyānihim Ya`mahūna
| 023-075 ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى
|
وَلَوْ رَحِمْنَاهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِمْ مِنْ ضُرٍّ لَلَجُّوا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ |
Wa Laqad 'Akhadhnāhum Bil-`Adhābi Famā Astakānū Lirabbihim Wa Mā Yatađarra`ūna
| 023-076 ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى
|
وَلَقَدْ أَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ فَمَا اسْتَكَانُوا لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ |
Ĥattá 'Idhā Fataĥnā `Alayhim Bābāan Dhā `Adhābin Shadīdin 'Idhā Hum Fīhi Mublisūna
| 023-077 تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
|
حَتَّى إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابا ً ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ |
Wa Huwa Al-Ladhī 'Ansha'a Lakumu As-Sam`a Wa Al-'Abşāra Wa Al-'Af'idata ۚ Qalīlāan Mā Tashkurūna
| 023-078 اﷲ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر
|
وَهُوَ الَّذِي أَنشَأَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ ۚ قَلِيلا ً مَا تَشْكُرُونَ |
Wa Huwa Al-Ladhī Dhara'akum Fī Al-'Arđi Wa 'Ilayhi Tuĥsharūna
| 023-079 اﷲ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
|
وَهُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ |
Wa Huwa Al-Ladhī Yuĥyī Wa Yumītu Wa Lahu Akhtilāfu Al-Layli Wa An-Nahāri ۚ 'Afalā Ta`qilūna
| 023-080 اﷲ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟
|
وَهُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلاَفُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ أَفَلاَ تَعْقِلُونَ |
Bal Qālū Mithla Mā Qāla Al-'Awwalūna
| 023-081 (ئۇلار اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىئويلاپ كۆرمىدى) بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى
|
بَلْ قَالُوا مِثْلَ مَا قَالَ الأَوَّلُونَ |
Qālū 'A'idhā Mitnā Wa Kunnā Turābāan Wa `Ižāmāan 'A'innā Lamab`ūthūna
| 023-082 ئۇلار ئېيتتى: آ«بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟
|
قَالُوا أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابا ً وَعِظَاماً أَئِنَّا لَمَبْعُوثُونَ |
Laqad Wu`idnā Naĥnu Wa 'Ābā'uunā Hādhā Min Qablu 'In Hādhā 'Illā 'Asāţīru Al-'Awwalīna
| 023-083 ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلاردۇرآ»
|
لَقَدْ وُعِدْنَا نَحْنُ وَآبَاؤُنَا هَذَا مِنْ قَبْلُ إِنْ هَذَا إِلاَّ أَسَاطِيرُ الأَوَّلِينَ |
Qul Limani Al-'Arđu Wa Man Fīhā 'In Kuntum Ta`lamūna
| 023-084 ئېيىتقىنكى، آ«زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)آ»
|
قُلْ لِمَنِ الأَرْضُ وَمَنْ فِيهَا إِنْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ |
Sayaqūlūna Lillāh ۚ Qul 'Afalā Tadhakkarūna
| 023-085 ئۇلار: آ«اﷲ نىڭآ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
|
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلاَ تَذَكَّرُونَ |
Qul Man Rabbu As-Samāwāti As-Sab`i Wa Rabbu Al-`Arshi Al-`Ažīmi
| 023-086 ئېيىتقىنكى، آ«يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟آ»
|
قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ |
Sayaqūlūna Lillāh ۚ Qul 'Afalā Tattaqūna
| 023-087 ئۇلار آ«اﷲآ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، آ«ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟آ»
|
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلاَ تَتَّقُونَ |
Qul Man Biyadihi Malakūtu Kulli Shay'in Wa Huwa Yujīru Wa Lā Yujāru `Alayhi 'In Kuntum Ta`lamūn
| 023-088 ئېيىتقىنكى، آ«ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)آ»
|
قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلاَ يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنتُمْ تَعْلَمُون |
Sayaqūlūna Lillāh ۚ Qul Fa'annā Tusĥarūna
| 023-089 ئۇلار: آ«اﷲآ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، آ«سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟آ»
|
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّا تُسْحَرُونَ |
Bal 'Ataynāhum Bil-Ĥaqqi Wa 'Innahum Lakādhibūna
| 023-090 ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
|
بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِالْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ |
Mā Attakhadha Allāhu Min Waladin Wa Mā Kāna Ma`ahu Min 'Ilahin ۚ 'Idhāan Ladhahaba Kullu 'Ilahin Bimā Khalaqa Wa La`alā Ba`đuhum `Alá Ba`đin ۚ Subĥāna Allāhi `Ammā Yaşifūna
| 023-091 اﷲنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، اﷲ ئۇلارنىڭ اﷲ قا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
|
مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِنْ وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَهٍ ۚ إِذا ً لَذَهَبَ كُلُّ إِلَه ٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلاَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ |
`Ālimi Al-Ghaybi Wa Ash-Shahādati Fata`ālá `Ammā Yushrikūna
| 023-092 اﷲ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر
|
عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ |
Qul Rabbi 'Immā Turiyannī Mā Yū`adūna
| 023-093 ئېيتقىنكى، آ«پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا (دۇنيادا) ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ
|
قُلْ رَبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ |
Rabbi Falā Taj`alnī Fī Al-Qawmi Až-Žālimīna
| 023-094 ئېيتقىنكى: آ«پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىنآ»
|
رَبِّ فَلاَ تَجْعَلْنِي فِي الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ |
Wa 'Innā `Alá 'An Nuriyaka Mā Na`iduhum Laqādirūna
| 023-095 بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز
|
وَإِنَّا عَلَى أَنْ نُرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَادِرُونَ |
Adfa` Bi-Atī Hiya 'Aĥsanu As-Sayyi'ata ۚ Naĥnu 'A`lamu Bimā Yaşifūna
| 023-096 (ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز
|
ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ السَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ |
Wa Qul Rabbi 'A`ūdhu Bika Min Hamazāti Ash-Shayāţīni
| 023-097 ئېيتقىنكى، آ«پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن
|
وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ |
Wa 'A`ūdhu Bika Rabbi 'An Yaĥđurūni
| 023-098 پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»
|
وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ |
Ĥattá 'Idhā Jā'a 'Aĥadahumu Al-Mawtu Qāla Rabbi Arji`ūni
| 023-099 ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇركى، آ«پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا)قايتۇرغىن
|
حَتَّى إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ |
La`allī 'A`malu Şāliĥāan Fīmā Taraktu ۚ Kallā ۚ 'Innahā Kalimatun Huwa Qā'iluhā ۖ Wa Min Warā'ihim Barzakhun 'Ilá Yawmi Yub`athūna
| 023-100 مەن قويۇپ كەلگەن مال - مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىنآ». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ
|
لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحا ً فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلاَّ ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا ۖ وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ |
Fa'idhā Nufikha Fī Aş-Şūri Falā 'Ansāba Baynahum Yawma'idhin Wa Lā Yatasā'alūna
| 023-101 سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر - بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ
|
فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ فَلاَ أَنسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلاَ يَتَسَاءَلُونَ |
Faman Thaqulat Mawāzīnuhu Fa'ūlā'ika Humu Al-Mufliĥūna
| 023-102 تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
|
فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُوْلَائِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ |
Wa Man Khaffat Mawāzīnuhu Fa'ūlā'ika Al-Ladhīna Khasirū 'Anfusahum Fī Jahannama Khālidūna
| 023-103 تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
|
وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُوْلَائِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ فِي جَهَنَّمَ خَالِدُونَ |
Talfaĥu Wujūhahumu An-Nāru Wa Hum Fīhā Kāliĥūna
| 023-104 ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ
|
تَلْفَحُ وُجُوهَهُمُ النَّارُ وَهُمْ فِيهَا كَالِحُونَ |
'Alam Takun 'Āyātī Tutlá `Alaykum Fakuntum Bihā Tukadhdhibūna
| 023-105 (ئۇلارغا) آ«سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلارآ» دېيىلىدۇ
|
أَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَى عَلَيْكُمْ فَكُنتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ |
Qālū Rabbanā Ghalabat `Alaynā Shiqwatunā Wa Kunnā Qawmāan Đāllīna
| 023-106 ئۇلار ئېيتىدۇ: آ«پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق
|
قَالُوا رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْما ً ضَالِّينَ |
Rabbanā 'Akhrijnā Minhā Fa'in `Udnā Fa'innā Žālimūna
| 023-107 پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىزآ»
|
رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَالِمُونَ |
Qāla Akhsa'ū Fīhā Wa Lā Tukallimūni
| 023-108 اﷲ ئېيتىدۇ: آ«جەھەننەمدە خار ھالدا قىلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلارآ»
|
قَالَ اخْسَئُوا فِيهَا وَلاَ تُكَلِّمُونِ |
'Innahu Kāna Farīqun Min `Ibādī Yaqūlūna Rabbanā 'Āmannā Fāghfir Lanā Wa Arĥamnā Wa 'Anta Khayru Ar-Rāĥimīna
| 023-109 شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر: آ«پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەنآ» دەيتتى
|
إِنَّهُ كَانَ فَرِيقٌ مِنْ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ |
Fāttakhadhtumūhum Sikhrīyāan Ĥattá 'Ansawkum Dhikrī Wa Kuntum Minhum Tađĥakūna
| 023-110 ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار
|
فَاتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيّاً حَتَّى أَنسَوْكُمْ ذِكْرِي وَكُنتُمْ مِنْهُمْ تَضْحَكُونَ |
'Innī Jazaytuhumu Al-Yawma Bimā Şabarū 'Annahum Humu Al-Fā'izūna
| 023-111 (سىلەردىن يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۇچىلەردۇر
|
إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ |
Qāla Kam Labithtum Fī Al-'Arđi `Adada Sinīna
| 023-112 اﷲ (ئۇلارغا): آ«زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟آ» دەيدۇ
|
قَالَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِي الأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ |
Qālū Labithnā Yawmāan 'Aw Ba`đa Yawmin Fās'ali Al-`Āddīna
| 023-113 ئۇلار: آ«بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي - كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىنآ» دەيدۇ (ئۇلار دوزاختا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنىئۇنتۇيدۇ)
|
قَالُوا لَبِثْنَا يَوْماً أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَاسْأَلِ الْعَادِّينَ |
Qāla 'In Labithtum 'Illā Qalīlāan ۖ Law 'Annakum Kuntum Ta`lamūna
| 023-114 اﷲ: آ«ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلارآ» دەيدۇ
|
قَالَ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلاَّ قَلِيلا ً ۖ لَوْ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ |
'Afaĥasibtum 'Annamā Khalaqnākum `Abathāan Wa 'Annakum 'Ilaynā Lā Turja`ūna
| 023-115 ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟
|
أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثا ً وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لاَ تُرْجَعُونَ |
Fata`ālá Allāhu Al-Maliku Al-Ĥaqqu ۖ Lā 'Ilāha 'Illā Huwa Rabbu Al-`Arshi Al-Karīmi
| 023-116 ھەق - پادىشاھ اﷲ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر
|
فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۖ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ |
Wa Man Yad`u Ma`a Allāhi 'Ilahāan 'Ākhara Lā Burhāna Lahu Bihi Fa'innamā Ĥisābuhu `Inda Rabbihi~ ۚ 'Innahu Lā Yufliĥu Al-Kāfirūna
| 023-117 كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا اﷲ قا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ
|
وَمَنْ يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَها ً آخَرَ لاَ بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِنْدَ رَبِّهِ ۚ إِنَّهُ لاَ يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ |
Wa Qul Rabbi Aghfir Wa Arĥam Wa 'Anta Khayru Ar-Rāĥimīna
| 023-118 آ«پەرۋەردىگارىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەنآ» دېگىن
|
وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ |
Toggle thick letters. Most people make the mistake of thickening thin letters in the words that have other (highlighted) thick letter | Toggle to highlight thick letters خصضغطقظ رَ |